ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئانتونىي بىلىنكىننى ب د ت دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى
2024.01.18
17-يانۋار كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماركو رۇبىيو، تىم كەين، جېف مېركلېي ۋە مارشا بىلاكبۇرن قاتارلىق ئەزالىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېنغا خەت ئەۋەتكەن. ئۇنىڭدا ب د ت دا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى «ئۇنىۋېرسال قەرەللىك تەكشۈرۈش» يىغىنىدا بىلىنكىننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان.
كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەزكۇر خېتىدە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر رايوندىكى باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەم ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئۇنىڭدا يەنە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ھېلىھەم لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى، دىنىي ئېتىقادىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە رايوندىكى مەدەنىيەت ئىزنالىرىنىڭ يوقىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ئۇلار خېتىدە يەنە ئانتونىي بىلىنكىندىن تۆت يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان بۇ قەرەللىك باھالاش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن پروفېسسور راھىلە داۋۇت، گۈلشەن ئابباس، ئىلھام توختى، مەمەت ئابدۇللا قاتارلىقلارنى، شۇنداقلا ئامېرىكادىكى مەمەتجان جۈمە، بەھرام سىنتاش ۋە ئادالەت سابىتلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ يىل 1-ئاينىڭ 23- ۋە 24-كۈنلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاي ھەققىدە «ئۇنىۋېرسال قەرەللىك تەكشۈرۈش» ئېلىپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۆتكەلدىن ئۇستىلىق بىلەن ئۆتىۋېلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يوققا چىقىرىشقا، شۇنداقلا كەڭ كۆلەملىك تەتۈر تەشۋىقات ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان.
ھالبۇكى، يۇقىرىقى كېڭەش پالاتا ئەزالىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىنگە يازغان خېتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى قول قويغان خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە قايتا-قايتا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرىنىڭ كېڭىيىشىگە يول قويۇلغان تەقدىردە خەتەرلىك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خېتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرى، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.