ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى CGTN نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاقلاشتا ئوينىغان رولىنى پاش قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.12.21

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 21-دېكابىر دوكلات ئېلان قىلىپ، CGTN، يەنى «خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى» نىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاشتا ئاچقۇچلىق رول ئونىغانلىقىنى ھۆججەتلەشتۈرگەن.

«يېڭى ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشۇش: CGTN نىڭ ئاخباراتتىكى ئاقلاشتا ئوينىغان رولى» ناملىق دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2017-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «قايتا تەربىيەلەنگەن» ۋە «ئىدېئولوگىيەسى تۈزۈتىلگەن» ئاتالمىش «يېڭى ئۇيغۇرلار» نى شەكىللەندۈرگەن.

CGTN بولسا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ «قايتا تەربىيە» ئارقىلىق سىياسىي ساپلىققا ئېرىشكەنلىكىنى، ھازىر بۇ رايوننىڭ مەدەنىيەت ساياھىتى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشتا يادرولۇق رول ئويناپ كەلگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئۇلار CGTN نىڭ 2017-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ئارلىقتىكى پروگرامما تېكىستلىرىنى ئانالىز قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە قانداق رول ئوينىغانلىقىنى پاكىتلىق ھالدا شارھىلىگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، CGTN، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، «جوڭگو گېزىتى» قاتارلىق خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ رېئاللىقنى بۇرمىلىشى، ئۇلارنى كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ھەركىتىنىڭ گۇماشتىلىرىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى، CGTN ھەرقانداق بىر خەلقئارا تاراتقۇنىڭ شېرىكى بولۇشتىن چەكلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

بايانتتا تەكىتلىشىچە، «CGTN نىڭ تەشۋىقات ھەركىتىدىكى رولى ئېنىق» بولۇپ، ئۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا ئائىت ساختا سۈرەت ۋە رەسىملەرنى تارقىتىشتا كۈچەپ ئىشلىمەكتە» ئىكەن. باياناتتا شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ يەنىلا CGTN بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئۇنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئىشلىتىشىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.