19-قۇرۇلتايدا «تارتۇقلانغان» چېن چۈەنگو قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش ھەرىكىتى قوزغىغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىدا دەرھال 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش ھەرىكىتى قوزغاشنى پىلانلىغان.

بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدا خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن چېن چۈەنگو قۇرۇلتاي يېپىلغاندىن كېيىن «شىنجاڭ ۋەكىللىرى ئومۇمىي يىغىنى» نى چاقىرغان. ئۇ يىغىندا «19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش ھەمدە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك، ئۇنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ‹جۇڭگو ئارزۇسى› نىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتتۈرۈش كېرەك،» دېگەن.

ئۇنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار مۇددەتكە ۋە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ مەخسۇس قۇرۇلتاي روھى بويىچە تەربيەلىنىدىكەن. قۇرۇلتاي روھى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جاي-جايلىرىدىكى كارخانىلار، يېزا-كەنتلەر، ئورگانلار، مەكتەپلەر ۋە مەھەللىلەردە لېكسىيە سۆزلەش ياكى تاراتقۇلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق كەڭ تەشۋىق قىلىنىدىكەن.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر دىيارىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىدارە قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدا شى جىنپىڭ تەرىپىدىن «تارتۇقلانغان» چېن چۈەنگونىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنى تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەر بىلەن ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

چېن چۈەنگونىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي بيۇرو ئەزالىقىغا تەيىنلىنىشى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار تىۋىتتېردىكى ئىنكاسلىرىدا «بۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنىڭ ئەڭ تىپىك بىر مىسالى،» دەپ يازغان.