سۈي تيەنكەي: «بىز غەلىبە قىلىشىمىز ئېنىق بولمىغان ئۇرۇشقا تەۋەككۈل قىلماسلىقىمىز كېرەك»

خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي، خىتاينىڭ «دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسى» دا يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ «ئۇرۇشقاق بۆرە» دىپلوماتىيەسىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ، ئاچچىقلىنىشنىڭ خىتاي مىللىي مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. «نىكېي ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۈي تيەنكەي بېيجىڭ ۋاشىنگتوننىڭ خىتاينى كونترول قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئەتراپلىق تەدبىرلىرىگە تاقابىل تۇرالماسلىقى مۈمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«نىكېي ئاسىيا» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، سۈي تيەنكەي بۇ سۆزلەرنى ئ‍ۆتكەن يىلى 20-دېكابىر كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى «خىتاي خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتى» چاقىرغان بىر يىغىندا ئېيتقان بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزى خىتاينىڭ سىياسىي، دىپلوماتىيە چەمبىرىكىدە زور قىزىقىش قوزغىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئەگرى-توقايلىق، ھەتتا كەلگۈسىدىكى جىددىىي بۇرۇلۇشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا كاللىمىز سەگەك ۋە تولۇق تەييارلىقىمىز بولۇشى كېرەك. پرىنسىپ جەھەتتە تەييارلىقىمىز يوق، غەلىبە قىلىشىمىز ئېنىق بولمىغان بىر ئۇرۇشقا تەۋەككۈل قىلماسلىقىمىز، غەزەپ ۋە خورىتىش ئۇرۇشى قىلماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن.

ئۇ يەنە «خەلقىمىز ئېرىشكەن ھەر بىر مىسقال تەستە قولغا كەلدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ پەرۋاسىزلىقىمىز، ھورۇنلۇقىمىز ۋە ئىقتىدارسىزلىقىمىز تۈپەيلى بۇلارنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىشى ياكى زىيانغا ئۇچرىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گەرچە ئۇنىڭ نۇتۇقىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئامېرىكانى تەنقىد قىلىشقا قارىتىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سۆزىگە ئىنچىكىلەپ قارالسا، خىتاينىڭ باشقا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن پەرقلىق ئىكەن.