ئەنگلىيەدە «شېيىن» گۇرۇھىنىڭ پاي چېكىنى ئاممىغا سېتىشى ئەدلىيەنىڭ باھالىشىغا دۇچ كېلىدىكەن
2025.02.03
رويتېرىس ئاگېنتلىقى (Reuters) نىڭ 3-فېۋرالدىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش گۇرۇپپىسى» ئەنگلىيەنىڭ پۇل-مۇئامىلە نازارەت ئىدارىسى خىتاينىڭ مودا كىيىم-كېچەك پارچە سېتىش شىركىتى بولغان «شېيىن» (Shein) گۇرۇھىنىڭ پاي چېكىنى ئاممىغا سېتىش (IPO) نى تەستىقلىسا، بۇ دېلونى ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ باھالىشىغا سۇنىدىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 2024-يىلى 12-دېكابىردىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەنىڭ پۇل-مۇئامىلە نازارەت ئىدارىسى خىتاينىڭ مودا كىيىم-كېچەك پارچە سېتىش شىركىتى بولغان «شېيىن» گۇرۇھىنىڭ پاي چېكىنى ئاممىغا سېتىش (IPO) نى تەستىقلاشنىڭ سوزۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە نازارەت ئىدارىسىنىڭ «شېيىن» نىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەيىبلەشلىرى تۈپەيلى «شېيىن» غا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي خەتەرنى باھالاۋاتقانلىقى مەلۇم.
تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە «شېيىن» شىركىتى نامىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ سېتىلىۋاتقان مودا كىيىم-كېچەكلەرنىڭ خەلقئارادا «شىنجاڭ پاختىسى» دەپ تونۇلىدىغان پاختىدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى، بۇ پاختىلارنىڭ بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدا تېرىلىدىغانلىقى ئېنىقلانغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، «شېيىن» گۇرۇھىنىڭ 2024-يىللىق تىجارەت سوممىسىنىڭ 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى، 1-فېۋرال ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى يولغا قويغان يېڭى تاموژنا بېجىنىڭ ئامازوننىڭ كۈچىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خىتاي شىركەتلىرى بولغان تېمۇ ۋە شېئىننىڭ ئامېرىكادا تېز سۈرئەتتە ئۆسۈشىگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.