ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب 27-ماي خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭ مەسىلىلىرىدىكى ئەندىشىسىنى قايتا تەكىتلىگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خوڭكوڭ ۋەزىيىتى ۋە شىنجاڭدىكى مەۋجۇت كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى قايتا تەكىتلىدى شۇنداقلا ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ شىنجاڭدا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى» دېگەن.
دومىنىك راب ئىزچىل خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلىپ كەلگەن. ئۇ ئىلگىرى «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە»، «بۇ كۆلەمدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقى» نى ئېيتقان شۇنداقلا بۇ يىل 22-مارت كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 4 ئەمەلدارى بىلەن ئۇنىڭ ئئىككى ئاپپاراتىنى جازالىغانىدى.
بىراق رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا يەنە ئىككى تەرەپ مىنىستىرلىرىنىڭ ئاخىرىدا «ئىككى دۆلەتنىڭ سودىدىن تارتىپ جانلىقلار تۈرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقىچە بولغان ساھەلەردە ھەمكارلىشىش پۇرسىتى بارلىقىغا قوشۇلغانلىقى»، شۇنداقلا يەنە ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىزدىنىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن.