خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكەش نۇقتىسىنى ئائىلە ئاياللىرىغا قاراتقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.12.28

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئاتالمىش ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇيغۇر ئائىلە ئاياللىرىغا قاراتقان.

دائىرىلەر يېقىندا خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئائىلە ئاياللىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكىگەن. يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ پىلانى قاراقاش ناھىيەسىدىن 1199 نەپەر ئائىلە ئايالىنى تۈركۈملەرگە بۆلۈپ، خىتاينىڭ فۇجيەن، خۇنەن، خۇبېي ئۆلكىلىرىدە تاماق ئېتىش، تاماقخانا مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەردە تەربىيەلەش ئىكەن.

مەزكۇر پىلان 24‏-دېكابىردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان. شۇ كۈنى خوتەن پويىز ئىستانسىسىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر ئائىلە ئاياللىرى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يولغا سېلىنغان. لېكىن خەۋەردە، ئىچكىرىگە يوللانغان ئائىلە ئاياللىرىنىڭ ئائىلە ئەھۋالى، بالا-چاقىلىرىنىڭ بار-يوقلۇقى، بالا چاقىلىق بولسا ئۇلاردىن كىمنىڭ خەۋەر ئالىدىغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلارغا ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇن نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش نامىدا ياش ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى كەڭ كۆلەملىك ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ كەلگەن. لېكىن بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئائىلە ئاياللىرىنى تۈركۈملەپ ئىچكىرىگە ئۆلكىلەرگە يۆتكىشىدۇر.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئائىلە ئاياللىرىنى تۈركۈملەپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكىشى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، بالىلارنىڭ ئىگىسىز قېلىشى، ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

د ئۇ ق نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 2 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقىلار يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكىشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەنقىدلەرگە قۇلاق سالماي كەلدى.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 26‏-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2019‏-يىلى 2 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.