«مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خەلقئارا كۈنى» دە ئۇيغۇر غايىبلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2010-يىلىدىن بۇيان ھەر يىلىنىڭ 30-ئاۋغۇست كۈنىنى «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خاتىرە كۈنى» دەپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ خاتىرە كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر زورلۇق ۋاسىتىسى ئارقىلىق غايىب قىلىۋەتكەن ئىنسانلار ئالاھىدە ئەسلەپ ئۆتۈلىدۇ.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمدە بۇ يىل ئىيۇل ئېيىدا مىسىردا قولغا ئېلىنىپ مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىز-دېرىكى جىددىي سورالدى.

تەشكىلاتنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات باياناتتا «بىر دۆلەتنىڭ شەخسلەرنى غايىب قىلىۋېتىشى ئىنسان ھەقلىرىنى پايخان قىلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنىڭ بىرى. خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىشى، شۇنىڭدەك بۇنىڭ قۇربانلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا مۇناسىپ تۆلەم تۆلىشى لازىم» دېگەن.

باياناتتا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى غايىب قىلىۋېتىلگەنلەردىن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىسمى بېرىلگەن بولۇپ، «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» بۇنى غايىب بولغان ئۇيغۇرلاردىن «پەقەت ئازغىنە بىر توپ كىشى» دەپ كۆرسەتكەن.