سابىق گۇئانتانامو مەھبۇسلىرىنىڭ ھازىرقى ھاياتى كۆرگەزمە قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.11.13

ئامېرىكالىق فوتوگراف دېبى كورنۋال ئۆزىنىڭ بىرنەچچە يىللىق نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئاساسىدا تەييارلىغان فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىدە مەخسۇس گۇئانتانامو مەھبۇسلىرىنىڭ كېيىنكى ھاياتىنى جانلىق نامايان قىلدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە نيۇيورك شەھىرىدىكى ستېۋېن كاشېر كۆرگەزمىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 12-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دېبى گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ھەمدە نۆۋەتتە توققۇز دۆلەتتە ماكانلاشقان سابىق مەھبۇسلارنى زىيارەت قىلغان. شۇ قاتاردا گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىمۇ زىيارەت قىلغان.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بۇ ئۇيغۇرلار جەمئىي 22 نەپەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەشى ئالبانىيەگە جايلاشتى. مەن ئۇلارنىڭ ھاياتىنىمۇ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە ئالدىم» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالبانىيە ھۆكۈمىتى گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن بەش ئۇيغۇرغا پاناھلىق بەرگەن بولسىمۇ، بۇلارغا ھازىرغا قەدەر كىملىك بەرمىگەن.

دېبى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئامېرىكىغا قارشى ئەمەسلىكى ئىسپاتلانغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئالبانىيەدەك بىر دۆلەتتە كىملىكسىز قالغانلىقى ئۇلارنىڭ ھېچنېمە قىلالمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. چۈنكى بۇ جايدا كىملىك بولمىسا ياشىغىلى بولمايدۇ» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گۇئانتانامو تۈرمىسىدىن گۇناھسىز ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن ھەمدە پالاۋ قاتارلىق جايلارغا ماكانلاشقان ئۇيغۇرلارمۇ ھازىرغا قەدەر يەنىلا «ياغلىق قاپاق» بولۇپ يۈرمەكتە ئىكەن.

دېبى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ دەل سابىق گۇەنتانامو مەھبۇسلىرى ھەققىدىكى زىيادە ئەندىشىنى تۈگىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.