ئامېرىكانىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرى دوختۇر گۈلشەن ئابباسنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى رەئىسى بېن كاردىن باشچىلىقىدىكى ئونغا يېقىن پالاتا ئەزاسى 10-سېنتەبىر ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تۈرمىسىدىكى دوختۇر گۈلشەن ئابباسنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

بۇ چاقىرىق دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ قاماققا ئېلىنىشىغا ئالتە يىل بولۇپ قالغان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «دوختۇر گۈلشەن ئابباس پەقەت ئامېرىكا پۇقراسى بولغان سىڭلىسىنىڭ تىنىمسىز سىياسىي پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىنلا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولىدا ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى رەھىمسىز ھالدا ناھەق تۈرمىگە قامالماقتا. دۇنيادىكى ئوخشىمىغان رەھبەرلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇنى قويۇپ بېرىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلىپ كەلدى. ھېچقانداق بىر كىشى چەت ئەل ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئائىلە ئەزاسىنىڭ تەسەۋۋۇردىكى جىنايىتى سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلانماسلىقى كېرەك. بىز دوختۇر ئابباسنى دەرھال قويۇپ بېرىش چاقىرىقىمىزنى قايتا تەكىتلەيمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ پېنسىيەگە چىققان دوختۇرى گۈلشەن ئابباس، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2019-يىلى مارتتا «تەشكىللىك تېررورلۇققا قاتنىشىش، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىش ۋە جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن مەخپىي سوتلىنىپ 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇ قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ 21 ئايدىن كېيىن، يەنى 2021-يىلى 12-ئايدا ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئۇنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان.

گۈلشەن ئابباسنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى، ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى سىڭلىسى، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى روشەن ئابباسنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىدىن ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ ئائىلىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ كۈتۈنۈش ۋە داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلىرىنىڭ ئەدەپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بۇ قېتىملىق چاقىرىقى كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن بېن كاردىن، ماركو رۇبىيو، دىك دۇربىن قاتارلىقلار، ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن كرىس سىمىت، راجا كرىشنامورتى، جون مولىنار، تام سۆزى قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان.