ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى دېھقانلارنى ھەقسىز ئىشلىتىشنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ھاشار قاتارلىق ھەقسىز ئەمگەككە سېلىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.

تەڭرى تاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 4-فېۋرال، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى دائىرىسىدە يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئۇقتۇرۇشتا: يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئاساس قىلغان بارلىق شەكىلدىكى ھەقسىز ئادەم ئىشلىتىشنى قەتئىي بىكار قىلىپ، ھەر قانداق ئورگان ۋە ئورۇننىڭ دېھقان-چارۋىچىلارنى ھەقسىز ئەمگەككە سېلىشىنى قەتئىي چەكلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر قانداق بىرەر ئورگاننىڭ ھەقسىز ئادەم ئىشلىتىشىنى چەكلىگەندىن سىرت يەنە كىشىلەرگە ھەقسىز ئەمگەك سېلىقى سېلىش، جەرىمانە تۆلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشىمۇ بىردەك چەكلەنگەن.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، ئىلگىرى يېزا-قىشلاقلاردا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلاردا دېھقانلارنى مەجبۇرىي ھەقسىز ئەمگەككە سېلىش، ھەقسىز ئەمگەككە چىقمىغانلارغا قارىتا جەرىمانە تۆلىتىش ياكى باشقا خىل ئۇسۇللاردا جازا قوللىنىش ئەۋجى ئالغان ئىدى. بۇ خىل مەجبۇرى ھەقسىز ئەمگەككە سېلىش كىشىلەردىكى نارازىلىق ۋە قارشىلىق كەيپىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارغا ئايلانغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى مەزكۇر قارارغا خىلاپلىق قىلىپ، دېھقانلارنى ھەقسىز ئىشلىتىش، سېلىق سېلىش قىلمىشى سادىر قىلغانلارنى قانۇن بويىچە جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما «ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېزىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش» دەپ تەكىتلىگەن.