خوڭكوڭدا مۇستەبىتلىككە قارشى ۋە 4 - ئىيۇننى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى


خوڭكوڭ ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتىك ھەرىكىتىنى قوللاش ئىتتىپاقى دەپ ئاتالغان بىرلەشمە تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 29 - ماي كۈنى خوڭكوڭ شەھىرىدە 1989 - يىلىدىكى 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى ئەسلەش ۋە بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن بۇ ۋەقەنى ئاقلاشنى تەلەپ قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزدى.

رادىئومىز گۇاڭدوڭ بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار كوچا ئايلىنىپ، نامايىش قىلغاندىن كېيىن ئاخىرى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئورگىنى ئالدىغا كېلىپ توختاپ، بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە ئۆزلىرىنىڭ تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى ئاقلاش تەلەپلىرىنى سۇنغان.

نامايىشچىلارنىڭ بۇ يىلقى ئاساسلىق چاقىرىقى «4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى ئاقلاپ، نازارەت ۋە قولغا ئېلىشنى توختىتىش، مۇستەبىتلىككە خاتىمە بېرىش» دېگەنلەردىن ئىبارەتتۇر.

نامايىش تەشكىللىگۈچىلەر تەخمىنەن 1500 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ساقچى تەرەپ نامايىشچىلار ئەڭ كۆپەيگەندە 780 ئادەمگە يەتكەنلىكىنى ھېسابلىغان.

لېكىن، خوڭكوڭ ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتىك ھەرىكىتىنى قوللاش ئىتتىپاقى تەشكىللىگەن بۇ يىللىق«تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى ئاقلاشنى تەلەپ قىلىش نامايىشىغا ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى تۇنجى قېتىم قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن ئادەم سانى ئاز بولۇپ قالغان ئىكەن.

4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ھەر خىل شەكىلدە خاتىرىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.