خوڭكوڭدا تيەنئەنمېن ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى


يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭ پۇقرالىرى كۆلىمى بىر قەدەر كەڭ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى خاتىرىلىدى. نامايىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى « 4 - ئىيۇن ۋەتەنپەرۋەرلىك دېموكراتىك نامايىشى» دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ نامايىش ھەققىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نامايىشچىلار خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى باشقۇرۇش ئورگىنى ئالدىغا بېرىپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى ئاقلاشنى ھەمدە خىتايدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى قوللاشنى تەلەپ قىلغان.

نامايىشنى خوڭكوڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە دېموكراتىيەنى قوللاش بىرلەشمىسى دەپ ئاتالغان تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان.

مەزكۇر تەشكىلات بۇ نامايىشقا 3000 ئادەم قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، ئەمما ساقچى تەرەپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 900 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل 4 - ئىيۇن كۈنى 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە 26 يىل توشىدۇ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتىك ھەرىكەت گۇرۇپپىلىرى تۈرلۈك شەكىلدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، خوڭكوڭدا ھەر يىلى چوڭ كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى خاتىرىلەش ھەم ھۆكۈمەتتىن ۋەقەنى ئاقلاشنى تەلەپ قىلىش ئادەتكە ئايلانغان ئىدى.