ئىچكى موڭغۇلدىكى چارۋىچىلار گۆش باھاسىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن
2016.08.17
ئىچكى موڭغۇلدىكى 200 گە يېقىن چارۋىچى تۈنۈگۈن ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا توپلىنىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.
رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىچكى موڭغۇلدىكى خىتاي دۆلەت شىركەتلىرى چارۋىچىلاردىن قوي گۆشىنى كىلو بېشى باھاسىنى 14 يېرىم سومدىن سېتىۋالغان. قوي گۆشىنىڭ بېيجىڭدا 46 سومدىن سېتىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان موڭغۇل چارۋىچىلار، ھۆكۈمەتتىن چارۋىچىلاردىن سېتىۋېلىنىدىغان گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
موڭغۇل چارۋىچىلار بۇ تەلىپىنى تۈنۈگۈن گۇۋۇلاتجونچى ناھىيىلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىگە بىلدۈرگەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، چارۋىچىلارنىڭ توپلىشىپ ۋە لوزۇنكا كۆتۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرۈشى خىتاي دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان، نەتىجىدە خىتاي قوراللىق كۈچلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، نامايىشچى چارۋىچىلاردىن 4 نەپىرىنى تۇتقۇن قىلغان، ئەمما قالغان چارۋىچىلار، تەلەپلىرىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نامايىشنى داۋاملاشتۇرغان.