ئىچكى موڭغۇل شىلىنغۇل يايلىقىدىكى موڭغۇللار ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ ئۆلگەن چارۋىلىرى ئۈچۈن تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.04.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


ئىچكى موڭغولنىڭ شىلىنغۇل يايلىقىدا ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ قوي، كالىلىرى كۆيۈپ ئۆلگەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 18 - ئاپرىل يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ موڭغولىيە دۆلىتى تەرەپتىن كەلگەنلىكىنى ۋە 22 - ئاپرىل سەھەردە ئۆچۈرۈۋېلىنغان ئوت ئاپىتىدە ھېچقانداق ئادەم ۋە مال مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما موڭغۇل چارۋىچىلار ئوت ئاپىتىنىڭ خىتاينىڭ چېگرا ساقچىلىرى ئەخلەت كۆيدۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، كۆيۈپ ئۆلگەن چارۋىلىرى ئۈچۈن تۆلەم تەلەپ قىلماقتا.

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 23 - ئاپرېلدىن 25 - ئاپرىلغىچە 200 دىن ئارتۇق موڭغۇل چارۋىچى ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە كۆيۈپ كەتكەن چارۋىلىرى ئۈچۈن تۆلەم تەلەپ قىلغان.

26 - ئاپرىل سەيشەنبە كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر موڭغۇل چارۋىچى ئەھۋالنى بايان قىلىپ: « ئەمەلىيەتتە نۇرغۇنلىغان چارۋىچىلار ئوت ئاپىتىگە چېگرا قىسىملىرىنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئوتنىڭ موڭغۇلىيە تەرەپتىن تۇتاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئەمما كېيىن موڭغۇلىيە تەرەپ بۇنى ئىنكار قىلدى. نۇرغۇن چارۋىچىلار ئوتنىڭ چېگرا قاراۋۇللىرى ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلغان چېغىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىدۇ. بىزنىڭ چارۋىلىرىمىز كۆيۈپ كەتتى، يارىلانغانلارمۇ بار. ھۆكۈمەت تەرەپ ئەھۋالنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى، ئەمما ھازىرغىچە بىزگە جاۋاب بەرمىدى. شۇڭا بىز تۈنۈگۈن ۋە ئالدىنقى كۈنلىرى نارازىلىق بىلدۈردۇق. ئاڭلىساق تۈنۈگۈن ئۇلار يىغىن ئېچىپتۇ، قانداق قارار ئالدى، ھازىر بىز ھېچنىمە بىلمەيمىز» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.