ئامېرىكا سانائەتلەشكەن 7 دۆلەتنى خىتاينىڭ ئىقتىسادى زوراۋانلىقىغا قارىتا ئورتاق ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان

ئامېرىكا سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھىنى ئەگەر خىتاي بۇ گۇرۇھنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىگە قارىتا ئىقتىسادىي زوراۋانلىق قىلسا، ئۇنىڭغا قارىتا ئورتاق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ياپونىيەدە چىقىدىغان «نىكىي ئاسىيا» تور ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرىدىن كانادا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە ۋە بۇ گۇرۇھنىڭ شېرىكلىرىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئورتاق تەدبىر ئېلىشقا ھەرىكەتلەندۈرمەكتىكەن.

خەۋەردە يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي زوراۋانلىقىغا قارىتا تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشنى ئاشكارىلىغانلىقى، بۇ تەدبىرلەر بېيجىڭنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي زوراۋانلىق قىلىشىنى چەكلەشكە قارىتىلغان، دەپ قارالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

«نىكىي ئاسىيا» نىڭ ئېيتىشىچە، ئورتاق ھەرىكەتنىڭ تەپسىلاتى سانائەتلەشكەن7 دۆلەتنىڭ باشلىقلار يىغىنى بۇ يىل 5-ئايدا ئېچىلىشىدىن بۇرۇن، مەزكۇر گۇرۇھنىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىس دۆلىتى بولغان ياپونىيە بىلەن مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. خەۋەردە ئامېرىكانىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىش مەسىلىدە ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي، كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى، تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى ياكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان دۆلەتلەرگە قارىتا ئىقتىسادىي چەكلىمە قويۇپ، بۇ دۆلەتلەرنى تاشقى سىياسەتتە ئ‍ۆزىگە يول قويۇشقا مەجبۇرلاپ كەلگەن.

«نىكىي ئاسىيا» نىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئورتاق ھەرىكەت پىلانى خىتاينىڭ بۇ خىل ئ‍ىقتىسادىي زوراۋانلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە قارىتا تاموژنا بېجىنى ئازايتىش، ئىمپورت ماللىرىنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىش، بۇ ئارقىلىق خىتاي ئىقتىسادىي زوراۋانلىقىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىكەن.