خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى» تەسىس قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.09.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يوقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مايتاغ رايونىدا «تۇنجى جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش، شىكايەت قىلىش ۋە ئاقلاشنى كېڭىشىش ئىشخانىسى» تەسىس قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.

خىتايدىكى «خەلق تورى» 16-سېنتەبىر تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە مەزكۇر ئىشخانا ھەققىدە مۇنداق دىيىلگەن: «جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئومۇمىييۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىكايەت قىلىش، ئاقلاش ۋە كېڭىشىش ھالقىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئاشكارىلاش قۇرۇلۇشىدا جىددىي بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ۋەزىپىگە ئايلاندى.»

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ۋەزىپىگە ئاساسەن يېقىندا قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۇيغۇر ئېلى بويىچە «تۇنجى جىنايىتىنى تونۇش، جازانى قوبۇل قىلىش كېڭىشىش ئىشخانىسى» تەسىس قىلغان. مايتاغ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى سۆزىدە بۇ ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى، جىنايىتىنى تونۇش ۋە جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلى كەڭ كۆلەمدە لاگېر تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرى جاي-جايلاردا مۇشۇنداق «جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ كەڭچىلىككە ئېرىشىش» ھەرىكىتى قوزغىغان ۋە ھەر يەردە پاش قىلىش ساندۇقلىرى، پاش قىلىش تېلېفونى دېگەنلەرنى تەسىس قىلىپ، ئاھالىلەرنى ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى پاش قىلىشقا قىستىغان. رادىيومىز دەلىللىگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ لاگېرغا قامىلىشىدا مانا مۇشۇنداق ئاتالمىش «جىنايىتىنى تونۇش» جەريانىنىڭ دەستەك قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدىلىكتە بۇ ھەرىكىتىنى رەسمىيلەشتۈرۈپ رەسمىي ھۆكۈمەت ئرگىنى قۇرۇشى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى بېسىم ۋە قامالىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.