كانادا ھۆكۈمىتى 11-ئاپرېل خىتايغا ساياھەتكە بارىدىغان كانادالىقلارغا شىنجاڭ توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئېتنىك مۇناسىۋىتى بولغان كانادالىقلارنىڭ «تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپى» گە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى شىنجاڭدا خاتىرجەم زىيارەتتە بولۇشقا چاقىرىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى.
كانادا ھۆكۈمىتى تورىنىڭ ساياھەت مەسلىھەتى بېتىدىكى بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرىدا، ساياھەتچىلەرگە ئۇيغۇر ئېلىدە «قوراللىق ساقچىلارنى كۆرۈشنىڭ نورمال» ئىكەنلىكى، دائىرىلەرنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تۇتقۇن قىلىشنى بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتقانلىقى»، «كانادا پۇقرالىرىنىڭ خىتاي گىراژدانى بولغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى» بىلدۈرۈلگەنىدى.
كانادادىكى CTV خەۋەلىرىدە ئېيتىلىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ 11-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ تەپسىلىي شەرھلىنىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە توختالغان ھەم «ئەگەر مەزكۇر رايون بىلەن ئېتنىك باغلىنىشى بولغان كانادالىقلار بۇ رايوننى زىيارەت قىلسا تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپى بارلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ئۇچۇردا «ئەگەر سىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن ئائىلىۋى ياكى ئېتنىك باغلىنىشىڭىز بولسا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشىڭىز مۇمكىن» دېيىلگەن. بۇ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر كانادا گىراژدانلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ساياھەتتە بولماسلىققا ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇشىدۇر.