كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى تاشقى دۇنيانى ئادۋوكات جياڭ تيەنيۇڭنىڭ ئەھۋالىغا جىددىي دىققەت قىلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.01.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تاشقى دۇنيانى يېقىندا قولغا ئېلىنغان ئاتاقلىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جياڭ تيەنيۇڭنىڭ ئەھۋالىغا جىددىي دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جياڭ تيەنيۇڭنىڭ تۈرمىدە تەن جازاسى ۋە باشقا كەمسىتىش خاراكتېرلىك مۇئامىلىلەرگە ئۇچراش ئېھتىمالى بار ئىكەن.

جياڭ تيەنيۇڭ ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا چاڭشادا ئىز‏-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. كېيىنرەك ئۇنىڭ خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرى تەرىپىدىن « ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، چاڭشادىكى مەلۇم بىر ئورۇندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.

ئەمما، تاشقى دۇنيا ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان ئىدى. جياڭ تيەنيۇڭنىڭ ئادۋوكاتى ئۆتكەن يىلى 27‏-دېكابىر دائىرىلەردىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما دائىرىلەر ئادۋوكاتنىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى جياڭ تيەنيۇڭنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشقا چاقىرىپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ جىنايەت سادىر قىلغانلىقىغا دائىر خەلقئارا بىردەك ئېتىراپ قىلغان ئىشەنچلىك بىر پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويالمىسا، ئۇنىڭ ئادىل ۋە خەلقئارا ئۆلچەملەرگە لايىق سوتلىنىشىنى ساقلىيالمىسا، ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.