كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ گاۋ يۈ، گو فېيشيۇڭلارنى جازالىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 1-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن ھەپتە ژۇرنالىست گاۋ يۈ ۋە ئادۋوكات گو فېيشيۇڭ ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت ۋە سوتنىڭ ھۆكۈمىنى« ئادالەتكە قىلىنغان مەسخىرە» دەپ ئەيىبلىدى.

گاۋ يۈ ئىككىنچى قېتىم قايتا ئېچىلغان سوتتا جازا مۇددىتى ئەسلىدىكى 7 يىلدىن 5 يىلغا قىسقارتىلىپ، كېسەل سەۋەبىدىن بىر مەزگىل تۈرمە سىرتىدا جازانى ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى گو فېيشيۇڭغا 6 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن ئىدى.

باياناتتا، مەزكۇر سوت تەرتىپىنىڭ خەلقئارا قانۇنغىلا ئەمەس، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىدە بەلگىلەنگەن قانۇن-نىزاملارغىمۇ ئەمەل قىلمىغانلىقى تەنقىدلىنىپ، ئۇلار ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمدىن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە قانۇنىي ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقى، خىتاي سوتىنىڭ ئەمەلىيەتتە « ئادالەتكە قىلىنغان مەسخىرە» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

71 ياشلىق ژورنالىست گاۋ يۈ بۇلتۇر «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەللەردىكى ئاتالمىش قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گو فېيشيۇڭ تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ياڭ ماۋدۇڭ «جامائەت تەرتىپىنى بۇزغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ ئالتە يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

خىتاينىڭ سوت ھۆكۈمىدە دېيىلىشىچە، بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن ياڭ ماۋدۇڭ 2013-يىلى يانۋار ئېيىدا گۇاڭجۇدا چىقىدىغان «جەنۇب ھەپتىلىك گېزىتى» تەھرىرلىرىنىڭ تور سۈزگۈچ تەدبىرىگە قارشى نامايىشىغا ياردەمدە بولغان ھەمدە تەھرىر بۆلۈمىنى قوللاپ سۆز قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ سوتلانغان.