ما شىڭرۇي خوتەندە زىيارەتتە بولۇپ، مۇقىملىق ۋە خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەكىتلىگەن
2025.01.09
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ماشىڭرۇي 9-يانۋار كۈنى خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈشتە بولغان. ئۇ بۇ زىيارىتى مەزگىلىدە خوتەندىكى بىر قىسىم كەنت-بازارلار، خوتەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ئىجتىمائىي خىزمەت بۆلۈمى قاتارلىقلارنى ئايرىم-ئايرىم زىيارەت قىلىپ «جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي ساقلاپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش» ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن.
ما شىڭرۇي خوتەن شەھىرى لاسكۇي بازىرى بوستان ئالدى كەنتىنى زىيارەت قىلغاندا خوتەندە «خىتاي تىلى ۋە يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش» مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېگەن:
«بىز ئورتاق تىل (خىتاي تىل-يېزىقى) ۋە يېزىق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئاساسىي خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشىمىز، ئاممىغا ئورتاق تىل ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ، ئۇنى كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈشكە يېتەكلىشىمىز كېرەك.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:
«بىز ‹ھەمىشە ئەنسىرەش› تىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، تېررورلۇققا قانۇن بويىچە قارشى تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك.»
ما شىڭرۇينىڭ خىتاي دائىرىلىرى خوتەن ۋىلايىتىدە «خېئەن» ۋە «خېكاڭ» نامىدىكى ئىككى ناھىيەنى يېڭىدىن تەسىس قىلغانلىقىنى جاكارلاپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خوتەننى زىيارەت قىلىشى دىققەت قوزغىدى. ئەينى چاغدا ھىندىستان تاشقى ئىشلار دائىرىلىرى خوتەندە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان بۇ ناھىيەلەرنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنىڭ ئەسلى ھىندىستان زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.