«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 8-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭدا «ئىككى يىغىن» غا قاتنىشىۋاتقان «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 13-نۆۋەتلىك 5-ئومۇمىي يىغىنى» غا كەلگەن ۋەكىللەرگە سۆزلىگەن سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تېمىسىدا يىغىن ئاچقان.
بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئايرىم سۆز قىلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە بولغان يۈكسەك ئىشەنچى» نى ئىپادىلەپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى، سىياسىي ئاڭنى، سىياسىي ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىىڭ رەھبەرلىكىدە ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ھەرقانداق توسقۇنلۇقنى تولۇق سۈپۈرۈپ تاشلاش» كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ما شىڭرۇي سۆزىدە «دۆلەتنىڭ ئۇلۇغ سىياسىتى» نى باش نىشان قىلغان ھالدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇش، شۇنىڭدەك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى ئەڭ چوڭ «ئېنېرگىيە ئامبىرى» قىلىۋالغاندىن باشقا ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ باقمىچىلىق بازىسى قىلىشقا يۈزلەنگەنلىكى كۆپ تەرەپلىمە ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولغانىدى. ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى» بىلەن «سىياسىي ئاڭنى ئۆستۈرۈش» نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشىنى بەزىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى تېخىمۇ چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن بېشارەت، دەپ قارىماقتىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرىرەك بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالتاي تاغلىرىدىن تارىم ۋادىسىغا سۇ يۆتكەيدىغان غايەت زور قۇرۇلۇشنى باشلىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىققانىدى.