ما شىڭرۈي قارىماي نېفىتلىكىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، نېفىت-تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىگەن

2022.08.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتايچە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز قاتارلىقلار 3-ئاۋغۇست كۈنى قارىماي نېفىتلىكىدە «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش» ئېلىپ بارغان؛ ئۇلار «شىنجاڭ نېفىت شىركىتى نېفىت قىدىرىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش تەتقىقات ئورنى» غا بېرىپ، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەنبەلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك جايلىشىشى، نېفىت مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى، ھالقىلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىش دەرىجىسى، شۇنداقلا نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن.

ما شىڭرۈي نېفىتلىك مەسئۇللىرىغا قىلغان سۆزىدە ئىلغار تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، نېفىت قىدىرىش ۋە قېزىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئاللىقاچان ئېچىلغان نېفىتلىك ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرىدىن يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە مۇنداق دېگەن: «قولىمىزدىكى ئېنېرگىيە بايلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ۋە يۇقىرى سۈپەتتە قېزىشنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىزنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك».

رادىيومىزنىڭ 21-ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتاي نېفىت گۇرۇھىنىڭ تارىم ئويمانلىقىدىكى يىللىق نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 12 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغانىدى؛ شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان نېفىت خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدىغان بولۇپ، رۇسىيەدىن كۆپ مىقداردا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېلىشقا موھتاج بولغان. رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدا شەكىللەنگەن ئېنېرگىيە كرىزىسى ئامېرىكا ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردە ماي باھاسىنىڭ بىراقلا ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇيغۇر رايونى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئامبىرى بولۇپ كەلگەچكە، «ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك جايى» غا ئايلىنىپ قالغان. ئامېرىكالىق ئانالىزچى ئاندېرس كور رادىيومىزغا بەرگەن زىيارىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي نېفىت گۇرۇھىدەك چوڭ شىركەتلەر ۋە بىڭتۇەن ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىنىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.