ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئاۋام پالاتا ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئادام شېف «سان-فرانسىسكو ھادىسىلىرى گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ماگنىتىسكىي قانۇنىنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشتا جاۋابكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە، خىتاي نازارەت سىستېمىسىنىڭ ھېچقانداق بىر يەردە شىنجاڭدىكىدەك كۆرۈنەرلىك ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا كەڭ كۆلەملىك لاگېرلار تورى قۇرۇپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنى قانۇنى رەسمىيەتسىز ياكى گۇمان بىلەن تۇتۇپ تۇرماقتا. دائىرىلەر بۇ لاگېرلارنىڭ مەقسىتى ‹تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇش› دېسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە تۇتقۇن دىن ۋە ئېتنىك تەۋەلىكنى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلماقتا» دېيىلگەن.
ئادەم شېفنىڭ ماقالىسى 23-ماي كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى بىردەك «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىغان كۈنى ئېلان قىلىنغان. ئادەم شېف «ئامېرىكا چوقۇم نازارەت تېخنولوگىيەسىنىڭ يېيىلىش تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: «16-ماي كۈنى ئاۋام پالاتا ئىستىخبارات كومىتېتى دىگىتال ئىستىبداتلىق ۋە ئەركىن دۇنيا رەھبەرلىرى ھەم ئامېرىكانىڭ شىنجاڭ ۋە يەر شارى مىياسىدىكى بۇ خىرىسقا قانداق تاقابىل تۇرۇشى ھەققىدە گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى. ترامپ ھۆكۈمىتى يەر شارى ماگنىتىسكىي قانۇنىنى ئىشقا سېلىپ، باستۇرۇش سىياسىتىدە جاۋابكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ساياھەت قىلىشىنى چەكلىشى ۋە مال مۈلكىنى توڭلىتىشى كېرەك. ئامېرىكا دىگىتال ئىستىبداتلىققا قارشى ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇنىڭ ئاۋام خەلقىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا سىڭىپ كىرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى باشلىنىش نۇقتىسى شىنجاڭ بولۇپ، ئامېرىكا دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە رىقابەت ئېلان قىلىشى كېرەك».
ئادام شېف «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇسخىسىغا كاپالەتلىك بەرگەن دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى. قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدىكى نۇسخىسىنى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس بىلەن تام سوزې ئوتتۇرىغا قويغانىدى.