خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا مالارىيا (بەزگەك) كېسىلىنىڭ پۈتۈنلەي تۈگىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
2019.12.23
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مالارىيا كېسەللىكى ياكى ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى بەزگەك كېسىلىنىڭ پۈتۈنلەي تۈگىتىلگەنلىكى، يېقىنقى 19 يىل مابەينىدە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى بايقالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 21-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە-سالامەتلىك كومىتېتى خىتاي دۆلەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسى، خىتاي دۆلەتلىك تاموژنا ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ مۇتەخەسسىس ۋە ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر باھالاش ئۆمىكى ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، رايوندا مالارىيا ياكى بەزگەك كېسىلىنىڭ پۈتۈنلەي تۈگىگەنلىكى، مەزكۇر رايوننىڭ دۆلەت بېكىتكەن تېببىي جەھەتتىكى باھالاش ئۆلچەملىرىدىن ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىغان.
باھالاش ئۆمىكى 16-دېكابىردىن 19-دېكابىرغىچە رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، يۇقىرىقى خۇلاسىنى چىقارغان. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر يېقىنقى 19 يىلدىن بېرى رايوندا ھېچقانداق مالارىيا ياكى بەزگەك كېسەللىكى ئالامىتىنىڭ بايقىلىپ باقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئۇلارنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىدا قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا2011-ۋە 2019-يىلى بايقالغان 48 كېسەللىك ئالامىتى چەتئەلگە باغلىنىشلىق ئىكەن. لېكىن كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ رايوندا يۈز بەرگەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى ئىزچىل مەخپىي تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقى، شۇڭا خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بولۇپمۇ رايوندا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلار نىڭ DNA ئامبىرى قۇرۇلۇپ، 3 مىليوندەك مۇسۇلمان لاگېرلارغا قامالغان، شۇنداقلا رايوندا ئۇچۇر قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقان ھازىرقىدەك ئەھۋالدا خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا گۇمان بىلەن قارىماسلىق تېخىمۇ مۈشكۈل ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئومۇمى خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى نامىدا رايوندىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى يىغىپ، DNA ئۇچۇر ئامبىرى قۇرغان، ئەمما بۇ ئىشلارنى ئۇلارنىڭ خەۋىرىسىز ئېلىپ بارغان ئىدى. خىتاي تارتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق مالارىيا بىلەن يۇقۇملىنىش ۋەقەسى 2000-يىلى توخسۇ ناھىيەسىدە بايقالغان ئىكەن.