مالايشىيادىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلاننىڭ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەزكۇر يولۇچىلار ئايروپىلانىدا 227 نەپەر يولۇچى، 12 نەپەر ئايروپىلان خادىمى بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي پۇقراسى ئىكەن.
ئايروپىلان كۇئالا - لۇمپۇردىن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىپ بىر سائەتتىن كېيىن باشقۇرۇش مۇنارى بىلەن ئالاقىسىنى يوقاتقان.
مالايشىيا ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى ئەھمەد جەۋھەر يەھيا: بىز ھازىر ھەر قانداق ئېھتىماللىقنى چەتكە قاقمايمىز، دېدى.
مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ باشقۇرۇش مۇنارى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگىنىگە 24 سائەت بولغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە دېرىكى بولمىغان. ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن بولسا، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەنلىكىگە ئائىت بەلگىلەرمۇ يوق ئىكەن.
ھازىرچە ئايروپىلانىڭ بۇلاپ كېتىلگەنلىكى ۋە ياكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.
نۆۋەتتە كۆپ دۆلەت خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئىزدەش ئەتىرى مەزكۇر ئايروپىلانى ئىزدىمەكتە ئىكەن.