ئاياغبىز قەبرىستانلىقىدىن 1700 يىللىق تارىخقا ئىگە نان قېزىۋېلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.04.22

يىپەك يولىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق لوپ ناھىيىسى سامپۇل يېزىسى ئاياغبىز كەنتىدىكى بىر قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن يېقىندا خىتاي ئارخېئولوگلىرى بۇنىڭدىن 1700 يىل بۇرۇنقى ئۇندىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ قالدۇقنى قېزىۋالغان.

«سوخۇ» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قەبرىدىن قېزىۋېلىنغان نانلار شۇ جايدىكى قەبرىلەرنىڭ بىرىگە كۆمۈلگەن يېمەكلىك ساندۇقىدىن چىققان. ناننىڭ تېرىق بىلەن بۇغداي ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇپ يېقىلغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ يۇمىلاق شەكلىدىن باشقا ئەسلى رەڭگىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولماس دەرىجىدە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ سامپۇل يېزىسىدىكى قەدىمىي قەبرىلەردىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەر خىل نانلار كۆپلەپ تېپىلغان بولۇپ، قەدىمكى تارىم ۋادىسىدا ياشىغان ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنىڭ جۇلاسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىدى. 1980-يىللاردا بولسا تارىم ۋادىسىدىكى بىر قىسىم قەدىمىي قەبرىلەردىن تېپىلغان موميالارنىڭ يىل دەۋرى خىتاي تارىخىنىڭ بەش مىڭ يىللىق تارىخىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن «قايتا تەكشۈرۈلگەن» ۋە «قايتىدىن بېكىتىلگەن» ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.