توماس خاررىس: «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ‹يىراق غەرب› تە داۋام قىلماقتا!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.04.17

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئومۇميۈزلۈك سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئىزچىل دۇنيا ئاخباراتىنىڭ ۋە ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

16-ئاپرېل كۈنى «كۈندىلىك چاقىرغۇچى» تورىدا ئېلان قىلىنغان سىياسىي ئانالىزچى توماس خاررىسنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسى مەخسۇس ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەدەنىيەت ساھەسىدە يۈز بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە بېغىشلانغان.

ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى 1949-يىلى ئىشغال قىلىۋالغان ھەمدە بۇ جاينىڭ نامىنى ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› دەپ ئۆزگەرتكەن. ئەنە شۇندىن تارتىپ دۇنيادىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى ئەڭ مول بولغان بۇ رايون خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدا ئاپتونومىيەنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي ئۆتۈۋاتىدۇ.»

ئاپتور شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ تىبەتكە ئوخشاشلا خىتاينىڭ سىياسىي جۇغراپىيەلىك مەنپەئەتى ئۈچۈنمۇ مۇھىم بىر ئورۇن بولۇپ كەلگەنلىكى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئايرىم شەخسلەرنىڭ سىتىخىيىلىك ھەرىكىتىنى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىگە تەتبىقلاپ ئۇلارنى باستۇرۇشقا كىرىشكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ داۋامىدا شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، بولۇپمۇ چېن چۇەنگونى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى پارتىيە سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلىگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەنلىكى، سىياسىي كونتروللۇقنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق شەخسىيەت بوشلۇقى قالمىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، دىنىي ئېتىقادى، تىل-يېزىقىنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقى، ئەمما غەرب دۇنياسىنىڭ «ئېغىز يېسە يۈز ئۇيۇلار» دېگەندەك بۇ ئىشلارنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ قاباھەتلىك بىر رېئاللىققا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.