ۋىلسون مەركىزى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1934-يىلى گېنېرال مەھمۇت مۇھىتى ھەققىدە چىقارغان بىر مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلىغان
2016.11.06
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسى 1930-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش مەخپىي قارارلارنى چىقارغان بولۇپ، ئۆز دەۋرىدە «مۇتلەق مەخپىي» دەپ ھېسابلانغان بۇ ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسمى يېقىندا ۋىلسون مەركىزى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان.
مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتلەر ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 1934-يىلى 4-ئاپرىل كۈنى گېنېرال مەھمۇت مۇھىتى ئۈستىدىن چىقارغان بىر پارچە مەخپىي ھۆججىتى ئالاھىدە دىققەت قوزغايدۇ.
مەزكۇر ھۆججەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ شېڭ شىسەيگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ گېنېرال مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئۆز ئەسكەرلىرىنى باشلاپ قەشقەرگە بېرىپ ئورۇنلىشىشىنى ھەمدە ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسىدە بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قايىل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ھۆججەتتە يەنە گېنېرال مەھمۇت مۇھىتى ناۋادا ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوزغاش نىيىتىدە بولۇپ قالسا، رۇس گېنېراللىرىدىن فرىنوۋىسكىي بىلەن ئۇرىتسكىينىڭ گېنېرال مەھمۇت مۇھىتى قوماندانلىقىدىكى مىللىي ئەسكەرلەر 6-دىۋىزىيەسىگە قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇلارنى ئۈزىل-كېسىل تارمار قىلىش ھەققىدە ئالدىنئالا ھەربىي پىلان تۈزۈپ قويىشى تەلەپ قىلىنغان.
تارىخ تەتقىقاتچىلىرى بىلەن سىياسىي ئانالىزچىلار، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەخپىي ھۆججىتى گېنېرال مەھمۇت مۇھىتى قوماندانلىقىدىكى مىللىي ئەسكەرلەر 6-دىۋىزىيەسىنىڭ 1930-يىللاردا قەشقەردە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە، دەپ قارىماقتىكەن.