ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشقا مەبلەغنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022-05-23
Share

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مېكگوۋېرن، كېلەر ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئ‍ىجرا قىلىنىشىغا سېلىنمىنى كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. جېف مېركلېي بىلەن جېيمىس مېكگوۋېرن 23-ماي كۈنى ئۆزلىرىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ۋەتەن بىخەتەرلىك تۆۋەن كومىتېتى بىلەن كېڭەش پالاتاسى خام چوت كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىغا يازغان بۇ ھەقتىكى خېتىنى ئېلان قىلغان.

خەتتە، ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دىكى چەكلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا سېلىنمىنى كۆپەيتىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقى ئەسكەرتىلىپ، «بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئامېرىكانىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئىقتىسادى ياردەم بېرىش ھەرىكەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ئامېرىكا ئىستىمالچىلىرىنى قوغداش، كىشىلىك ھوقۇقنى مۇداپىئە قىلىش ۋەدىسى توغرىسىدا كۈچلۈك سىگنال بېرىدۇ» دېيىلگەن. ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسى 2020-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدا تۇتۇپ قالسىمۇ، بىراق رادىيومىز يېقىندا بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ ۋاسىتىلىق ھالدا ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە چاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى خەۋەر قىلغان.

دۆلەت مەجلىسى ئىلگىرى بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا قوشۇمچە 27 مىليون دوللار ئاجراتقانىدى. لېكىن پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسى تەلەپ قىلغان 70 مىليون 309 مىڭ دوللار پۇلنى تولۇق بېرىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەتتە: «بىز ش ئۇ ئا ر دا، شۇنداقلا خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى يۆتكەش ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ قورقۇنچلۇق دەلىل-ئىسپاتلىرى تۈپەيلى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›غا يېتەكچىلىك قىلدۇق. بىزنىڭ نىيىتىمىز، ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئويلىمىغان يەردىن قۇللۇقنى قوللاشقا شېرىك بولۇپ قالماسلىقىدۇر» دېيىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە بۇ خەتكە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىسمۇ ئىمزا قويغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت