ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش مۇزاكىرىسى ئېلىپ بارغان

ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئالچىسى نىكولاس بۇرنس (Nicholas Burns) كۆپلىگەن شىركەت مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، 21-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا رىئايە قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشكەن.

نىكولاس بۇرنس 22-ئىيۇن ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىغا ئۇچۇر يوللاپ: «بۈگۈن مەن 21-ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نى ئىجرا قىلىش توغرۇلۇق ياۋروپا، ياپونىيە، كانادا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى 51 شىركەت بىلەن كۆرۈشتۈم» دېگەن.

شۇنىڭدىن كېيىن تىۋىتتېردا نىكولاس بۇرنىسنى ئەيبلەپ، «خىتاي بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىسەن» دېگەنلەرمۇ، «بۇ قانۇن ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەر ئىككىسىگە زىيانلىق» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرمۇ، «ئامېرىكا ئۆز مەنپەئەتىنى قايرىپ قويۇپ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەپتۇ، ھازىرغىچە خىتاي مېلىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ بۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەيدىغانلار كۆرۈلگەن.