فرانسىيەدىكى بىر سوت مەھكىمىسى يۇنىكلو ۋە زارانى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئاتاقلىق كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىغا ئېرىشكەنلىكىگە ئائىت ھەق تەلەپ ئەرزنى قوبۇل قىلغان. بۇ ھازىرغا قەدەر چەت ئەللەردە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىغا ئېرىشىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئېچىلغان تۇنجى داۋا بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارىژ دۆلەتلىك تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش تەپتىش مەھكىمىسىدىكى سوتچىلار دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە دائىر ئەرزنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى دەلىللىگەن.
بۇ دېلو بۇ يىل 4-ئايدا شەرپا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش گۇرۇپپىسى، پاكىز كىيىم-كېچەك ھەرىكىتىنىڭ فرانسىيە تارمىقى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ۋە خىتاي لاگېرىدا يېتىپ چىققان فرانسىيەدىكى بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئەرزىگە ئاساسەن تۇرغۇزۇلغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەرزدارلار ئىندىتېكىس، ئىسپانىيەنىڭ زارا شۇنداقلا يۇنىكلو، فرانسىيەنىڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك گۇرۇھى بولغان SMCP ۋە داڭلىق ئاياق كىيىم شىركىتى سكەچېرنى «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
ئۆتكەن يىلى نايكې، يۇنىكلو، H&N ياكى ئادىداسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە داڭلىق خەلقئارا ماركىلار بايانات ئېلان قىلىپ، «شىنجاڭ پاختىسى» نى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلاپ، خىتاينىڭ بايقۇت قىلىشىغا ئۇچرىغان، ھەتتا بەزى شىركەتلەر باياناتىنى قايتۇرىۋالغان ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى بۇ داڭلىق خەلقئارا ماركىلارنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىپ قالماسلىقىنى، ئۇنىڭغا چېتىلىپ قېلىشنىڭ ئىقتىسادىي ھەم قانۇنىي جاۋابكارلىقى بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.