ئامېرىكا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان تاتلىقلاشتۇرغۇچىلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق، دەپ چەكلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-10-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا چېگرا دائىرىلىرى 20-ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئىچكى موڭغۇلدا ئىشلەپچىقىرىلغان ستېۋيا ماركىلىق تاتلىقلاشتۇرغۇچىلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ قالغان.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئىچكى موڭغۇلىيەگە جايلاشقان خېڭجېڭ گۇرۇھى باۋجەنجاۋ دېھقانچىلىق-سانائەت ۋە سودا شىركىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، شېكەر ئورنىغا ئىشلىتىلىدىغان داڭلىق ماركىلىق تاتلىقلاشتۇرغۇچى ئىشلەپچىقارغانلىقى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ تولۇق پاكىتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ مەھسۇلاتلارنى تۇتۇپ قېلىش ۋە مۇسادىرە قىلىش ھەققىدە ھەرقايسى پورتلارغا تەلىمات بېرىلگەنلىكىنى ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، ئىچكى موڭغۇلدىكى بۇ شىركەت پۈتۈنلەي خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىر شىركىتى ئىكەن.

ستېۋيا تاتلىقلاشتۇرغۇچىسى كوكاكولا قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار داڭلىق مەھسۇلاتلاردا كەڭ ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلات بولۇپ، بازار ئانالىز شىركىتى «QYResearch» نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ستېۋيا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت ئىكەن.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى سودا ئىشخانىسىنىڭ ئىجرائىيە ياردەمچى كومىسسارى برېندا سىمىس گېزىتكە قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكادىكى ھەرقايسى ئىمپورت قىلغۇچى شىركەتلەرنىڭ بۇ ۋەقە بىلەن ھوشيارلىقىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ مال تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تەكشۈرۈپ كۆرۈشىنى ۋە ئۇلارنىڭ چوقۇم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيلىق ۋە ئەخلاقىي ئۆلچەملىرىگە لايىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئەڭ چوڭ تەمىنلىگۈچىسى بولغان ۋە خام ماتېرىيالى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچقىرىلىدىغان قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىمۇ نۆۋەتتە ئامېرىكا شىركەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلانغان. يەرشارىدىكى قۇياش ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ 80 پىرسەنتىنى خىتاي ئىشلەپچىقىرىدىغان بولغاچقا، ئامېرىكا شىركەتلىرى ئۇنى خىتاي زاۋۇتلىرىدىن تەمىنلەپ كەلگەنىكەن. بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش تەدبىرلىرى نەتىجىسىدە خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرى داۋاملىق ھەمكارلىشىش ئىشەنچسىز بولۇپ قالغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇتلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل ئەمگىكىگە سېلىشىنى توسۇشقا تىرىشماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت