خىتاي دائىرىلىرى بارلىق مەسچىتلەرگە خىتاي دۆلەت بايرىقى ئېسىلىپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا «ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى نامايان قىلىش» نى تەلەپ قىلدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر قارارى خىتايدا دىنىي ئەركىنلىككە بولغان چەكلىمە قاتتىق كۈچەيتىلگەن بىرمەزگىلدە چىقىرىلدى.
خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام جەمئىيىتى ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، خىتاي دۆلەت بايرىقىنىڭ مەسچىتلەرنىڭ «كۆزگە چېلىقىدىغان» يېرىگە ئېسىلىشى تەلەپ قىلىنىپ، بۇنىڭ «دۆلەت تەۋەلىكى ۋە پۇقرالىق چۈشەنچىنى كۈچەيتىدىغانلىقى، ھەر قايسى مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئالغا سۈرىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا يەنە مەسچىتلەر پارتىيەنىڭ «يادرولۇق سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشى» غا دائىر ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشى، بۇنى دىندارلارغا ئىسلامى تېكىستلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ، ئۇنى «خەلقنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشى» نى تەلەپ قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشى چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئىسلام دىنىي خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان 5 دىننىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن مۇسۇلمانلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چەكلىمە كۈچەيتىلىپ، ئۇلارنىڭ ساقال قويۇشى، ناماز ئوقۇشى چەكلەنگەنلىكى، ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قامىلىپ، قانۇنى رەسمىيەتسىز ۋە مۇددەتسىز تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقنالىقىنى تەكىتلىگەن. مەسىچتلەرگە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېسىش ئۇيغۇر رايونىدا خېلى بۇرۇن باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى بۇنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ رەسمىلەشتۈرگەن. خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا قەيت قىلىنىشىچە، بايراق ئېسىشنىڭ مەقسىتى مەسچىتلەرنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىدىغان ساغلام سورۇنغا ئايلاندۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ «ئورتاق خىتاي كىملىكىگە بولغان تونۇشى» نى خىتايلار بىلەن ئوخشاش چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ئىكەن.