مايك پومپېيو ۋىرۇس مەسىلىسىدە خىتاي ۋە ئىراننى ئەيىبلىدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 25-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو شۇ كۈنى مەخسۇس سۆز قىلىپ خىتاي ۋە ئىران ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋىرۇس مەسىلىسىدىكى جاۋابكارلىقىنى ئەيىبلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مايك پومپېيو بۇ ئىككى دۆلەتنى «ۋىرۇسنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى جامائەتتىن يوشۇرۇپ، تېخىمۇ ئېغىر بولغان ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرىگە سەۋەب بولغان» دېگەن. شۇنداقلا ئىران ھۆكۈمىتىنى «ۋىرۇسنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش» قا چاقىرغان.

مايك پومپېيو خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ ۋابا ھەققىدىكى ھەقىقى ئەھۋالنى خەۋەر قىلغان ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنى خىتايدىن چىقىرىۋېتىش قىلمىشىنى كەسكىن تەنقىدلىگەن ھەمدە «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى مۇخبىرلار ۋە دوختۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتىشىغا يول قويغان بولسا ئەھۋال بۇ قەدەر يامانلىشىپ كەتمىگەن بولاتتى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىراندىكى ۋىرۇسنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى نامەلۇم بولۇپ، خىتاي بىلەن ئىران بىردەك بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالنى خەلقتىن يوشۇرماقتىكەن.