«ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ قەشقەردە مەشىق بازىسى قۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى

«ۋشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» يېقىندا خوڭكوڭنى بازا قىلغان «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ قەشقەردە مەشىق بازىسى قۇرۇپ، خىتايغا بىخەتەرلىك خادىملىرىنى تەربىيەلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

«ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» ئىراق ئۇرۇشى دەۋرىدە نامى چىققان «قارا سۇ» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئېرىك پرىنس تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان. «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قەشقەرنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم بىر جايدا قۇرۇلغان بۇ مەشىق بازىسى بېيجىڭدىكى خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە مەكتىپىگە قاراشلىق ئىكەن.

خەۋەردە، ئۇنىڭ خىتايدىكى تۇنجى خۇسۇسىي بىخەتەرلىك شىركىتى ئىكەنلىكى، بېيجىڭدىكى خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە مەكتىپىنىڭ قەشقەردىن باشقا يەنە يۈننەن قاتارلىق جايلاردىمۇ مەشىق بازىسى بارلىقىنى، ھازىر بۇ مەكتەپنىڭ 25% پاي چېكىنى «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 2014‏-يىلى كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدىن كېيىن بۇ مەكتەپنىڭ نىشانى تېررورلۇققا قارشى خادىملارنى تەربىيەلەشكە بۇرالغان. خەۋەردە ئاگانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بازا قۇرۇشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرگەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خادىمى نىكولاس بېكۇلىن «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەشىق بازىسى قۇرۇشى بۇ شىركەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاھىدە يېقىن مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، «بۇ رايوندىكى بىخەتەرلىك ۋەزىپىسى خىتاينىڭ چېگراسىنى قوغداش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى قۇلايلاشتۇرماق» دېگەن. خەۋەردە يەنە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباسنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرىلگەن. ئۇ، «ئامېرىكا شىركىتىنىڭ خادىملىرىنى ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشىنى قوللىشى ھەقىقەتەن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ» دېگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئېرىك پرىنسنىڭ ھەرىكىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار ئەمەلدارلارنى بىئارام قىلىشقا باشلىغان. خەۋەردە، ئۇنىڭ ھەرىكىتى يەنە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنمۇ-ئەمەسمۇ؟، دېگەن سوئاللارنى پەيدا قىلغانلىقى، لېكىن ئېرىك پرىنسنىڭ بۇ ھەقتىكى گۇمانلارنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.