خەلق گېزىتى: «شىنجاڭدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنىڭ ئوبدان ئۇلىنى سالدۇق»

خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماشتەك تەدبىرلىرىنى ئاقلاپ، بۇ ئارقىلىق مەزكۇر رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنىڭ ئۇلى سېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئەمىنلىك ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، دىنىي ئېتىقادى، ئائىلە ۋە قىممەت قارىشىنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە كەلمەكتە ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن. ئۇ پەقەت يېقىندىلا لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىپ، بىراق بۇ ئورۇنلارنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«خەلق گېزىتى» دە 1‏-نويابىر كۈنى چاڭ يۈي دېگەن ئىسىم بىلەن ئېلان قىلىنغان ماقالىدا «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇقنى يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن ئۇنى بۆشۈكىدىن تىزگىنلەشكە توغرا كېلىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

ماقالىدا خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق» ۋە «ئاشقۇنلۇق» قا قارشى ئۈزۈل-كېسىل تەدبىرلىرىنىڭ زور نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى، «شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ رايوننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە تەسىر قىلىپ كەلگەن چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئوبدان ئۇلى سېلىنغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدە ئەسكەرتىلىشىچە، مەزكۇر رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى ئېچىپ، «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، لېكىن قانۇن بويىچە جازالاش ھاجەتسىز كىشىلەرنى دۆلەت تىلى، قانۇن-تۈزۈم، ھۈنەر ئۆگىنىشكە تەشكىللىشىدىكى مۇددىئاسى «ئۇلارنى جەمئىيەتنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا قايتۇرۇپ كېلىشى ئىكەن».

خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دېسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا قامالغان كىشىلەرنىڭ سانى ۋە ئاقىۋىتىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلىپ كەلدى. نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

6‏-نويابىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك كۆرۈپ چىقىدۇ. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، يىغىندا «ب د ت ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق باستۇرۇشىغا خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە كەسكىن سىگنال بېرىشى كېرەك». لېكىن، «خەلق گېزىتى» نىڭ ماقالىسىدە، ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى ئېچىشتەك بۇ تەدبىرنىڭ «شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.