جۈمە كۈنى، خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق چىڭداۋ شەھىرىدە يەر ئاستى نېفىت تۇرۇبىسى پارتلاپ كېتىپ، ئاز دېگەندە 35 ئادەم ئۆلگەن، 166 ئادەم يارىلانغان.
خىتاي دائىرىلىرى دەرھال ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەگەر بۇ تېررورلۇق ۋەقەسى بولمىسا، ئۇ ھالدا بۇ مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر سانائەت ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پارتلاشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىش، ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش ۋە يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە يەرلىك دائىرىلىرىگە بۇيرۇق بەرگەن.
پارتلاش يۈز بەرگەن نېفىت تۇرۇبىسى خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىگە قاراشلىق بولۇپ، شىركەت «ۋەقەنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
چىڭداۋ شەھەرلىك مۇھىت ئىدارىسى، نېفىتنىڭ دېڭىزغا ئېقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش تەدبىرى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق 3000 كۋادرات مېتىرلىق دائىرە ئاللىقاچان بۇلغىنىپ بولغان.
دائىرىلەر ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق پارتلاشنى نىمىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى مەجھۇل. دائىرىلەر پارتلاش سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ۋەقە خىتاي جەمئىيىتىدە نېفىت تۇرۇبىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇھىت خەۋپىگە نىسبەتەن ئەندىشىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن.