لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن يازغۇچى نۇرمەمەت توختىنىڭ جەسىتىنىڭ ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

بۇنىڭدىن تەخمىنەن 70-80 كۈن ئاۋۋال ساقچىغا ئېلىپ كېتىلگەن خوتەنلىك يازغۇچى نۇرمەمەت توختىنىڭ جەسىتىنىڭ يېقىندا ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. چەتئەلدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىشىچە، نۇرمەمەت توختىنىڭ جەسىتى 6‏-ئاينىڭ باشلىرىدا ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. ئۇچۇردا، ئۇنىڭ ۋاپات بولۇشتىن تەخمىنەن 70 كۈن بۇرۇن يەنى 4‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «سورايدىغان گەپ بار» دېگەن باھانە بىلەن ساقچىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ئۇ ئېلىپ كېتىلگەن كۈنىلا كېسىلى قوزغىلىپ قالغانلىقى، لېكىن «دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشىگە نۆۋەت تەگمەي 70 كۈن ساقلىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

نۆۋەتتە، نۇرمەمەت توختىنىڭ ساقچىغا ئېلىپ كېتىلىش سەۋەبى، ئۇ تاياق زەربىسىدە ۋاپات بولدىمۇ ياكى كېسىلى قوزغىلىپ ۋاپات بولدىمۇ، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار بىزگە نامەلۇم. بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار تېخى يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن دەلىللەنمىدى. ئۇ ھازىرغا قەدەر تۇتقۇندا ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، لېكىن ئۆلۈمىگە ئائىت تەپسىلاتلار تولۇق ئاشكارىلانمىغان نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى 2‏-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، 2 مىليوندەك كىشىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماش ھەرىكىتىدە ئۇيغۇر يازغۇچىلار، سەنئەتچىلەر، تىلشۇناسلار، تارىخشۇناسلار ۋە ئەدەبىياتچىلار ئۇنىڭ ئاساسلىق تۇتقۇن قىلىش نىشانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

1949‏-يىلى خوتەن ناھىيىسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسىدا تۇغۇلغان نۇرمەمەت توختى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى يېتۈك يازغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 1984‏-يىلى خوتەن «قاشتېشى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «بويتاق ھەققىدە خاتىرىلەر» ناملىق ئەسىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. ئۇ «ئۇ دۇنيادىكى سوراق»، «بەش تۈپ سۆگەت»، «ئاجايىپ كەسپىي ئائىلە»، «شاھ مەشرەپ خوتەندە»، «6 كۈنلۈك پادىشاھ» قاتارلىق ھېكايە، پوۋېستلىرىنى ئېلان ئا قىلىپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغانىدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردا قەيت قىلىنىشىچە، «مەرھۇم لاگېردا ياكى لاگېردىكىلەر قامالغان بىرەر دوختۇرخانىدا قازا قىلغانلىقى ياكى سوراق جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئېنىق ئەمەسكەن».