پاناما خىتاي بىلەن بولغان ئاچقۇچلۇق قانال توختامىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن
2025.02.03
ئامېرىكا خەۋەر تاراتقۇلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونىڭ زىيارىتى نەتىجىسىدە پاناما خىتاي بىلەن بولغان ئاچقۇچلۇق قانال توختامىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.
«فوكېس خەۋەرلىرى» (FOX News) گە ئاساسلانغاندا، يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) پاناما پىرېزىدېنتى جوسې رائۇل مۇلىنو (José Raúl Mulino) بىلەن كۆرۈشكەندە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ پانامانىڭ ھالقىلىق توشۇش قانىلىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى خىتايغا بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلىشىنى يەتكۈزگەن. پاناما پىرېزىدېنتى جوسې رائۇل مۇلىنو خىتاي بىلەن بولغان مۇھىم تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تاممى برۇسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ماكو رۇبىيو ترامپنىڭ ئۇچۇرىنى پاناما پىرېزىدېنتى جوسې رائۇل مۇلىنوغا يەتكۈزۈپ، خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى شىركەت ئارقىلىق قانالنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن ئىككى پورتنى باشقۇرۇپ سۇ يولىغا تەھدىت قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇنىڭ ئامېرىكا-پاناما شەرتنامىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى».
پاناما پىرېزىدېنتى جوسې رائۇل مۇلىنو ماركو رۇبىيو بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە ماركو رۇبىيونىڭ بۇ زىيارىتى پاناما ۋە ئامېرىكانىڭ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا يېڭى پۇرسەتلەر ئېلىپ كېلىدۇ. ھەمدە ئامېرىكانىڭ پاناماغا سالغان مەبلىغىنى ئىمكانقەدەر ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بىز، خىتاي بىلەن بولغان قانال توختامىنى مۇمكىن قەدەر بالدۇر ئاخىرلاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز».
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، پاناما قانىلىدىن ئۆتىدىغان بارلىق پاراخوتلارنىڭ تەخمىنەن %72 ى ئامېرىكا پورتلىرىدىن كېلىدىكەن ياكى ئامېرىكا پورتلىرىغا بارىدىكەن.