مايك پومپېيو ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جازاسى ھەققىدىكى لايىھەسىنى ئالقىشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-12-08
Share

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جازالاشنى باش نىشان قىلغان يېڭى لايىھىسى ھەر ساھەنىڭ، جۈملىدىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ لايىھەنى قوبۇل قىلغانلىقى بۆسۈش خاراكتېرلىك بىر قەدەم. بۇ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەرىكىتىگە يېڭى كۈچ قوشىدۇ» دېدى.

مايك پومپېيونىڭ كۆرسىتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارنى ئېلىشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن مەشغۇل بولغان دۆلەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى نۆۋەتتىكى ئامېرىكا، كانادا ۋە ئەنگلىيە ئىجرا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرىنى چەكلەشكە يېڭى كۈچ قوشىدىغان بولۇپ، بۇ ساھەدىكى دۇنياۋى بىرلىكسەپنىڭ ھاسىل بولۇشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. شۇڭا مايكىل پومپېيو ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تېزرەك بۇ ھەقتىكى ئاخىرقى قارارنى ئېلىشقا دەۋەت قىلدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ تىۋېتتىر بېتىدىمۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ نۆۋەتتە خىتاي، بىرما، شىمالىي كورېيە قاتارلىق دىكتاتورا دۆلەتلەرنىڭ «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇن لايىھەسى» گە خىلاپ ھالدا دىنىي ھەقلەرنى ئاياق-ئاستى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى. شۇنىڭدەك تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بۇ سەپكە قوشۇلۇشىغا تەشنا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ ئاياق-ئاستى بولۇش مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇپ، تېخى يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ تور بېتىدە مەخسۇس ئۇيغۇرلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بارچە ئۇچۇرلارنى بىر يەرگە توپلىغان ئىدى. ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى بىلەن بېيىتىلغان بۇ تارماق بەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا قانداق كۈنلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقى تولىمۇ جانلىق تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئەڭ تەپسىلىي ۋە مۇكەممەل بايان قىلىنغان تور بېتى، دەپ قارالماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت