مايك پومپېيو ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاينى يەنە بىر قېتىم كەسكىن ئەيىبلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو يەنە بىر قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى كەسكىن تەنقىدلەپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى بارلىق دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك مىليونلارچە ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغانلىقىنى «ناتسىستلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلغانلىقىغا ئوخشاش قىلمىش» دېدى.

ئۇ بۇ سۆزنى 14-دېكابىردا ئۆتكۈزۈلگەن «ئويغان ئامېرىكا» تېمىسىدىكى تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە قىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلارچە ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىشى ئېلىپ كەلگەن ئىجتىمائىي ۋەيرانچىلىقنى 1930-يىللاردىن بۇيان دۇنيا كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇسنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقاد زىيانكەشلىكىنى يۇقۇرى پەللىگە چىقارغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىزچىل ۋە ئەڭ كەسكىن ئىبارىلەر بىلەن تەنقىدلەپ كەلگەن ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تەنقىدلىرى خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش چاقىرىقىنىڭ زور تەسىر قوزغىشىغا سەۋەب بولماقتىكەن.