خىتاي «قەشقەر گۈلى» ناملىق فىلىم ئارقىلىق خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىدا يىلتىز تارتىشقا چاقىرماقتا

خىتاي دائىرىلىرى ئۈچ ئەۋلاد خىتاي ئائىلىىسنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كېلىپ يىلتىز تارتىشى باش تېما قىلىنغان «قەشقەر گۈلى» ناملىق بىر فىلىم ئىشلىگەن.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇلار فىلىمنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە ئالدى بىلەن فىلىمنى 1950-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈرۈلگەن خىتايلارنىڭ ۋەكىللىرىگە قويۇپ بەرگەن.

خەۋەردە ئېيىتلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «بىز 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا گۇاڭدۇڭدىن شىنجاڭغا كادىر بولۇپ قوبۇل قىلىنىپ كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتا جەمئىي 11مىڭ ئادەم بار ئىدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كەسپلەر بويىچە تەربىيەلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تەقسىم قىلىنغان. . . 90 ياشقا يېقىنلاشقان خۇاڭ يۈيۈننىڭ ئېيتىشىچە، كىنودىكى يۈەن شۆنىڭ دادىسى ۋە بوۋىسىغا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەر شۇ چاغدا دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، شىنجاڭدا بىر ئۆمۈر يىلتىز تارتتى.»

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننى يولغا قويۇپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغاندىن كېيىن، يىللاردىن بېرى ھەر خىل شەكىللەردە داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەن يۇقىرىقىدەك خىتاي كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن ئىدى.

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر «قەشقەر گۈلى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ فىلىمنىڭ دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلەرگە ماس ھالدا، خىتايلارنى يەنىمۇ كۆپلەپ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ، يىلتىز تارتىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى تولۇق ئىشغال قىلىشقا ئۈندەش مەقسىتىدە ئىشلەنگەنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

مەزكۇر فىلىم ھەققىدىكى خەۋەردە يەنە خىتايلار كېلىپ يەرلەشكەندىن كېيىن، قەشقەرنىڭ غايەت زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنلىكى ۋە فىلىمدە قەشقەرنىڭ يېڭى قىياپىتىنى كۆرگەن خىتايلارنىڭ «بىز تۆلىگەن بەدەللىرىمىزنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ خۇرسەن بولدۇق،» دېگەنلىكى بايان قىلىنغان.

ھالبۇكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر «بۇ فىلىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشغال تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ،» دەپ قارىماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، «قەشقەر گۈلى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ فىلىم كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا قويۇلىدىكەن.