نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرى قەشقەردە ساقچىلارنىڭ تەقىبىگە ئۇچرىغان

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق گېزىت بولغان نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرىنىڭ قەشقەردىكى زىيارىتىگە ئاساسەن يازغان بىر پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

بۇ خەۋەر ماقالىسىگە، «يىپەك يولىدىكى يېشىلزارلىق قەشقەردە خىتاي ساقچىسىدىن قېچىش» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، مۇخبىر ماقالىسىدە قەشقەردىكى ئېغىر تەقىب ۋە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان.

مۇخبىر ئېدۋارد ۋاڭنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئۇنىڭ قەشقەرنى 1999-يىلىدىن بېرى 5-قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ قەشقەردە ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ساقچى، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى ۋە ھەر كوچا بېشىدا تۇرغان «قۇلايلىق ساقچى پونكىتلىرى» نى كۆرگەنلىكىنى شۇنداقلا ھەممىلا يەردە ئېسىلىپ تۇرغان بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىلگىرىكى زىيارەتلىرىدە ئۆزىگە ئەگىشىۋالغان پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنى بايقىمىغان ئىكەن، بىراق بۇ نۆۋەت مېھمانخانىدىن چىقار-چىقمايلا بىر نەپىرى ئۇيغۇر، ئىككى كىشى كەينىگە كىرىۋېلىپ، نەگىلا بارسا تەقىب قىلغان ھەتتا ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ «ساقچى ۋە ھەربىيلەرنى رەسىمگە تارتىشىڭغا بولمايدۇ» دېگەن. ئۇ ساقچى يەنە مۇخبىرغا «بىز سېنى داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرىمىز، چۈنكى قەشقەر چەتئەللىكلەر ئۈچۈن بىخەتەر ئەمەس، بۇ سېنىڭ بىخەتەرلىكىڭ ئۈچۈن» دېگەن. ئېدۋارد ۋاڭ ماقالىسىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئىراقتىكى ئۇرۇش مەزگىلىدە 3 يېرىم يىل مۇخبىرلىق قىلغان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن نېمىنىڭ خەتەرلىكلىكىنى بىلەتتىم، ئەمما مەن شىنجاڭنىڭ ھېچقانداق يېرىدە ئۆزۈمنى خەتەردە ھېس قىلمىغان ئىدىم» دېگەن.

ئېدۋارد ۋاڭ خەۋىرى داۋامىدا، چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ، چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلى پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ كەلگەندىن بېرى، ئۇيغۇر ئېلىنى ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى بىلەن باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىسلىسىز بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، تېخى يېقىندا فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ يازغان ماقالىسى كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان ئىدى.