قىرغىزىستاندا خىتايغا قارشى نامايىشقا قاتناشقان بىر ئايالنى «ئېتنىك ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-01-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قىرغىزىستاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىگە قارشى نامايىشقا قاتنىشىپ تۇتقۇن قىلىنغان بىر ئايال قىرغىزىستان تەپتىش دائىرىلىرى تەرىپىدىن «ئېتنىك ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن.

گۈلجەمىلە سەپەرئەلىيىۋا ئىسىملىك بۇ ئايال 17‏-يانۋار كۈنى بىشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى باقىت سېيتوف نامايىشتا 21 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، ئۇلارغا ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقان قىلىش جىنايىتى ئارتىلىپ، جەرىمانە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن ئىنتېرفاكس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىشكەك شەھىرىدىكى 1‏-ماي رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 29‏-يانۋار سوت ئېچىپ، گۈلجەمىلە سەپەرئەلىيېۋاغا قارىتىلغان ئەيىبلەشنىڭ «ئېغىرلىقى»، ئۇنىڭ «ئىجتىمائىي خەتىرى» سەۋەبلىك داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشنى قارار قىلغان.

بۇ يىل 56 ياشلىق سەپەرئەلىيېۋا نامايىش يۈز بېرىپ 5 كۈندىن كېيىن، يەنى 23‏-يانۋار قولغا ئېلىنغان. نامايىشچىلار خىتاي كۆچمەنلىرىنى قىرغىزىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش، قىرغىزلارنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىشىنى چەكلەش، خىتايدىن قەرز ئېلىشنى توختىتىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

بىشكەكتىكى نامايىش خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا 3 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىغان، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە پارتلىغان ئىدى. «ئېتنىك ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» ئادەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ياكى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغان بەزى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى جازالايدىغان سىياسىي تېرمىن بولۇپ، قىرغىزىستاننىڭ قىرغىز پۇقراسىنى بۇ جىنايەت بىلەن ئەيىبلىشى دىققەت قوزغىماقتا. قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سورۇنباي جېنبېكوف بىشكەكتىكى نامايىش پارتلاشتىن بىر ھەپتە ئاۋۋال كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «قىرغىز-خىتاي ھەمكارلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانلار» نىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي قىرغىزىستاننىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچىسى بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي قىرغىزىستاننى نۇرغۇن قەرزگە بوغۇپ قويغان.

تولۇق بەت