يەكشەنبە كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدە پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. تەخمىنەن ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئادەم سايلامدا بېلەت تاشلىشى كېرەك بولۇپ، قىرغىزىستان سايلام كومىتېتى يەكشەنبە كۈنى كېچە سائەت 17 غىچە 41% تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بېلەت تاشلاپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ نۆۋەت ھەر خىل پارتىيە-گۇرۇھلاردىن 12 كىشى پرېزىدېنت نامزاتى بولۇپ، سايلامغا چۈشكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە سورونباي جېيېنبېكوف بىلەن ئۆمۈربېك بابانوفنىڭ ئاساسىي رىقابەتچىگە ئايلىنىدىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلمەكتە. ئەمما كەچرەك ئېلان قىلغان دەسلەپكى سايلام نەتىجىلىرىدە سورونباي جېيېنبېكوفنىڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشىپ ئۈستۈنلۈك قازانغانلىقى ئېلان قىلىندى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ، تۇنجى قېتىم قىرغىزىستاندا ھاكىمىيەت تىنچ يول بىلەن باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى بولۇپ، مەزكۇر سايلام كۆپلىگەن خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلار سايلام جەريانىنى نازارەت قىلىشقا قاتناشقان.
قىرغىزىستاننىڭ «24.ك گ» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن 700 دىن ئارتۇق كىشى سايلامنى نازارەت قىلغان بولۇپ، ھەتتا بۇلارنىڭ ئىچىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى قاتارلىقلارنىڭ خادىملىرىمۇ بار ئىكەن. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى يەنە سايلام جەريانىنىڭ تىنچ ۋە بىخەتەر بولۇشى ئۈچۈن 10 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى ۋە 12 مىڭ ئەتراپىدا ئۆزلۈكىدىن ئۇيۇشقان تەرتىپ ساقلىغۇچىلارنى ئىشقا سالغان.
قىرغىزىستاننىڭ مۇستەقىللىق تارىخىدا ئەسقەر ئاقايېف، قۇرمانبېك باقىيېف قاتارلىق پرېزىدېنتلار خەلق ئىسيانلىرى ئارقىلىق ھوقۇقتىن ۋە دۆلەتتىن ھەيدىۋېتىلگەن ئىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىم قىرغىزىستاندىكى ئاساسى مىللەت قىرغىزلاردىن باشقا يەنە ئۆزبېك، ئۇيغۇر، تۇڭگان ۋە باشقا مىللەتلەرمۇ سايلامغا ئاكتىپ قاتناشقان. بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرى خالىغان نامزاتلارغا ئاكتىپ بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان.