دائىرىلەر ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «قوش تىللىق سوتچىلار» نى كۆپەيتمەكچى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015.05.30


نۆۋەتتە دائىرىلەر ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «قوش تىللىق سوتچىلار» نى كۆپەيتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 30 - ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە 2020 - يىلىغىچە 1 مىڭ 500 نەپەر «قوش تىللىق سوتچى» تەربىيىلەپ چىقىلىدىكەن.

خەۋەردە بۇلارنىڭ ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سوتچىلارنى «قوش تىللىق» قىلىپ تەربىيىلەشنى كۆرسىتىدىغانلىقى، ياكى يېڭى سەپلىنىدىغان سوتچىلارنى كۆرسىتىدىغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنمىغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ ئاتالمىش «قوش تىللىق سوتچىلار» خىتاي تىلى ۋە ئۆز تىلىدا راۋان بولۇشى كېرەك ئىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، خىتاي ئالىي سوتى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ رەئىسى شۇ جياشىن «قوش تىللىق سوتچىلار» نى يېتىشتۈرۈشتىكى مەقسەتنىڭ «رايوندىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سوتلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ سوتلىرى يۇقىرى دەرىجىدە سىياسىيلاشتۇرىلىدىغان بولۇپ، سوت مەيلى قايسى تىلدا ئېچىلمىسۇن، بۇ سوتلاردا ئادەتتىكى سوت تەرتىپىگىمۇ ھۆرمەت قىلىنمايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.