مەلۇم بولۇشىچە، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خىتايدىكى خەۋەر تور بېتى ئېچىلمايدىغان بولۇپ قالغان.
ئۇلارنىڭ 20 - مارت خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ خىتايدىكى ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە بەتلىرى ئوخشاش تاقىلىپ قالغان.
ئۇنىڭدىن باشقا «نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتى»، «بلۇمبېرگ»، «ۋال سترېت ژۇرنىلى» قاتارلىق خەۋەر توربەتلىرىمۇ خىتايدا مەلۇم مەزگىل ئېچىلماي قىلغان.
خىتايدىكى تور بوشلۇقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ ھەقتە رويتېرسنىڭ يازما سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەن.
ھالبۇكى، رويتېرسنىڭ خىتايغا ئىقتىسادىي خەۋەر تارقىتىدىغان تارمىقى توسالمىغان.
خىتايدا چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ تاقىلىپ قېلىش ھادىسىسى يېڭىلىق ئەمەس.
چەتئەل ئاخباراتلىرىدا ھەر قاچان خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە ئائىت بىرەر «سەزگۈر خەۋەر» بېرىلىپ قالسا، ئۇزۇن ئۆتمەيلا شۇ ئاخباراتلارنىڭ خىتايدىكى خەۋەر تور بەتلىرى تاقىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.