فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدىكى «سەيۋەيشياڭ ھالال يېمەكلىكلىرى شىركىتى» ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانچە شەكىلدە تەييارلانمىغان، شۇنداقلا تەركىبىدە چوشقا گۆشى مەلۇم سالماقنى ئىگىلىگەن 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ھەر خىل يېمەكلىكنى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمانلار بازىرىدا ساتقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر شىركەت خىتايدىكى خەلقئارالىق ھالال يېمەك-ئىچىمەك سودىسى بىلەن مەشغۇل بولغۇچى ئەڭ چوڭ شىركەت ئىكەن. ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئاساسەن ئاسىيادىكى ھەرقايسى مۇسۇلمان بازارلىرىدا سېتىلىدىكەن، شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستانىغىچە ئېكسپورت قىلىنىدىكەن.
شىركەت دىرېكتورى دېڭ جىجۈن مۇخبىرلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ ھاراق ئىچمەيدىغانلىقىنى ۋە تاماكا چەكمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بەزى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئەمما بۇنىڭ قايسى ھايۋاننىڭ گۆشى ئىكەنلىكى سورالغاندا «مەن ئۇنتۇپ قاپتىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.
مەزكۇر مۇسۇلمانچە يېمەكلىك شىركىتى خىتايدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەردىن بىرى بولغان تۇڭگانلار بىرقەدەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونىدا ئىكەن. زاۋۇتنىڭ ئۆزلىرى ئىشلىگەن ئېلان خاراكتېرلىك فىلىملارنىڭ بىرىدە زاۋۇت ئىشچىلىرىنىڭ تاماقتىن ئاۋۋال جىرىڭلىتىپ رومكا سوقۇشتۇرۇپ پىۋا ئىچىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن.
دېڭ فامىلىلىك خىتاي دىرېكتور بۇ ھەقتە سورالغان سوئالغا «قىزىل ھاراق ئىچىش خۇددى ھالال يېمەكلىك يېگەنگە ئوخشاش ئىنسان بەدىنىگە ۋە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە بەكمۇ پايدىلىق» دېگەن.
چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى ئىزچىل ھالدا «خىتاي ئىشلەپچىقارغان ھالال يېمەكلىكلەرنىڭ تەييارلىنىشىدا ئىزچىل مەسىلە مەۋجۇت» دەپ قاراپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئۆتكەن يىلى شىئەن شەھىرىدە نەچچە يۈز تۇڭگان مۇسۇلمان «ھالال» ۋىۋىسكىسى ئېسىلغان رېستورانلاردا ئىسپىرتلىق ئىچىملىك سېتىلغانلىقىغا قارشى نامايىش قىلغان بولسا، چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى مۇسۇلمانلار چوشقا گۆشىدىن ياسالغان قېزا ساتقان بولكىخانىنى پاچاقلىۋەتكەن ئىدى.