خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان ۋە ھازىر «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى تېز سۈرئەت بىلەن كۆپەيمەكتە. CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 22-يانۋار كۈنى ۋىرۇس بىلەن ئۆلگەنلەر سانى 17 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 500دىن ئاشقان.
بلۇمبېرگ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان يۇقۇملۇق ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئېھتىماللىقىغا قارشى ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئايرودروملاردا سالامەتلىك تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنى چىڭىتقان. بولۇپمۇ ھازىر خىتاينىڭ چاغان بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مىليونلىغان خىتاي ساياھەتچى چەتئەللەرگە ساياھەتكە چىقىدىغان مەزگىل بولغاچقا بۇ ساياھەتچىلەرنىڭ كېسەل تارقىتىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك ئەندىشە قوزغىغان. ئامېرىكا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى چېكاگو ۋە ئاتلانتا ئايرودروملىرىدا يولۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان. خىتاي ساياھەتچىلەر كۆپ بارىدىغان دۆلەت بولغان ياپونىيەمۇ سەيشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن ھەرقايسى كىرىش ئېغىزلىرىدا كارانتىن ۋە تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى كۆپەيتكەن.
بلۇمبېرگ خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 17 يىل ئاۋۋال «SARS» ۋىرۇسى ھەققىدە خەلقئاراغا تېزدىن خەۋەر بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ۋىرۇسنىڭ دۇنيا مىقياسىدا 800 دىن كۆپ جان ئېلىشىغا سەۋەب بولدى، دەپ تەنقىد قىلىنىدىكەن. بۇ نۆۋەت خىتاي «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ھەققىدە دۇنياغا بالدۇر ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ، بىراق بلۇمبېرگنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر «خىتاي بۇ مەسىلىدە يەنىلا يېتەرلىك دەرىجىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولمايۋاتىدۇ،» دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىدىن توم كوتتون بولسا 22-يانۋار كۈنى تىۋىتتىرغا ئىنكاس يېزىپ: «خىتاي كومپارتىيەسى ئەجەللىك ۋىرۇس مەسىلىسىدە دۇنيانى يەنە بىر قېتىم قاراڭغۇلۇقتا قويدى. بۇنداق زىيانلىق ھەرىكەت ۋىرۇسنىڭ يەنىمۇ كەڭ كۆلەمدە يېيىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشچان كېسەلگە ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بېيجىڭ دەرھال بۇ مەسىلىدە پۈتۈنلەي ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى كېرەك» دېدى.
«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى گېزىتى» مۇ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋىرۇسنىڭ سىياسىي مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولۇشىدىن ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋىرۇس ھەققىدە «ئۆسەك سۆز» تارقىتىشنى چەكلەپ، بۇ ھەقتە ھۆكۈمەتتىن پەرقلىق گەپ قىلغانلارنى جىمىقتۇرماقتىكەن. بىراق شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تور ئاممىسىنىڭ ھۆكۈمەتنى بۇ ۋىرۇس ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرى كۈچەيگەن. بولۇپمۇ ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، تايلاند، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە يېتىپ بارغان بۇ ۋىرۇسنىڭ خىتاي مىقياسىدا ۋۇخەندىن باشقا شەھەرلەردە تېخى ئۇقتۇرۇش قىلىنماسلىقى دىققەت قوزغىغان.